تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە دېموكراتىيە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى چېن ۋېنچاڭ، "رابىيە خانىمنىڭ خىتاي قارا تىزىملىكىدە ئىكەنلىكى ئۇ تەيۋەنگە كەلمەسلىكى كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. بىز ئۇنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلماسلىقىدا بىرەر سەۋەب بار، دەپ قارىمايمىز،" دېگەن.
رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئىشخانىسىدا تەيۋەنلىك سەنئەتچى فرەدىي لىننى كۈتۈۋېلىپ، تەيۋەندىكى ئاممىۋى گۇرۇھلارنىڭ تەيۋەن زىيارەت قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ۋە 12 - ئايدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. رابىيە خانىمنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانى تەيۋەندە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.
تەيۋەن ئىچكى كابىنېتىنىڭ باياناتچىسى سۇ جىپىڭ، ئەگەر رابىيە خانىم ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسا، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى كۆرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات - مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جاڭ جىپىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ھازىرغا قەدەر ۋىزا ئىلتىماسىغا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى، شۇڭا بۇنىڭغا باھا بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ تېخى تەيېۋەننىڭ ۋاشىنگتوندىكى دىپلوماتىك دائىرىلىرىغا ۋىزا ئىلتىماسىدا بولۇپ باقمىغان. ئانالىزچىلار، ئەگەر رابىيە خانىم ۋىزا ئىلتىماسىدا بولسا تەيۋەن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش ھەققىدىكى ئېغىر بېسىمىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا.