چارشەنبە كۈنى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر ئامېرىكا غەربىي نۇقتا ھەربىي ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەكتەپتە زىيارەتتە بولغان.
زىيارەتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم مەكتەپتىكى 2000 دىن ئوشۇق ئەسكەر - ئوفىتسېرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. دوكلاتتىن كېيىن رابىيە قادىر خانىم بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللار بىلەن ئايرىم ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش مۇخبىرلارغا يېپىق شەكىلدە بولغان.
"ۋەست پويىنت" يەنى غەربىي نۇقتا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەكتەپ، ئامېرىكىدىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىگە ئوفىتسېر تەربىيىلەيدىغان ھەربىي ئاكادېمىيە بولۇپ، 1802 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇ، دۇنيادىكى ئەڭ كونا ھەربىي ئاكادېمىيىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.