ياۋروپا سەپىرىدىكى رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبە كۈنى بريۇسسېلدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، "مەن خىتاي دائىرىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن خەلقلەرنىڭ جۇملىدىن ئۇيغۇرلار ۋە خەنزۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمەن" دېگەن.
رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتايلارنىڭ نامايىشى يۈز بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتى 5 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 14 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان بىر ۋەزىيەت ئاستىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە "پاكىتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، خەنزۇلارنىڭ نامايىش قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى ئىپادىلىشىگە يول قويغانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن.
رايوندا ۋەزىيەتنى تىنجىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىستىپا بېرىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن رابىيە خانىم يەنە " ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ تىنچلىق ئىچىدە بىرگە تۇرۇشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنلۇق تەلەپلىرىنى شۇنداقلا خەنزۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىدىغان مۇۋاپىق ئەمەلدارلارنى تەيىنلەشتۇر" دەيدۇ.
ۋاڭ لېچۈەن، پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە نامايىش قىلغان خىتاي نامايىشچىلارغا تەدبىر قوللانمىغان، ئۇ پەقەت نامايىشچىلارنىڭ "ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى"نى تەلەپ قىلغان ئىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، نامايىشچىلار قوشۇنى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن بۇ خەۋەر يەرلىك خەلقلەرنىڭ ياكى تەرەپسىز مەنبەلەرنىڭ ئىسپاتلىشىغا ئېرىشەلمىدى.