رابىيە خانىم ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقانلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم 30‏ - ئۆكتەبىر كۈنى، توكيودىكى چەتئەل ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 5‏ - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقانلارغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنى قويۇپ بېرىشنى؛ خىتايلارنى ئۇيغۇر يۇرتلىرىغا كۆچۈرۈپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي يۇرتلىرىغا يۆتكەشنى توختىتىشنى؛ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 'قوشتىللىق مائارىپ' دېگەن سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇرچە مائارىپنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان. رابىيە خانىم يەنە ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئاۋاز قويۇش لازىملىقىنى كۆرسەتكەن.

توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئاخبارات يىغىنىغا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن، ئامېرىكا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن، ياپونىيە، خىتاي، تەيۋەن، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 250 تىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە ياپونىيىنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرى قاتناشقان.

بۇ خەلقئارا ئاخبارات يىغىنىغا فرانسىيە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لىكا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.

مۇخبىرلار رابىيە خانىمدىن 'سىز ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىسىز، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قاتتىق باستۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك' دەپ سورىغاندا، رابىيە خانىم 'مەن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن ' دەپ جاۋاب بەرگەن.

'دالاي لامامۇ ھازىر ياپونىيىگە كەلدى، بۇ ئالدىن پىلانلانغانمۇ' دەپ سورىغاندا، رابىيە خانىم 'پىلانلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر تەقدىرداش' دەپ جاۋاب بەرگەن.