رابىيە خانىم ئۈرۈمچى نامايىشىغا قاتناشقان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

رابىيە خانىم بۈگۈن توكيودىكى مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ يىغىلىشتا 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدىكى نامايىشقا قاتناشقان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويترس ئاگېنېتلىقى، مەركىزى ئاگېنتلىق قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلرىنىڭ بۈگۈن )يىگىرمە توققۇزىنچى ئىيول كۈنى( توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، رابىيە خانىم بۈگۈنكى نۇتقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە 197 ئادەم ئۆلدى، 1700 ئادەم يارىلاندى، دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما شۇنىڭدىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتېرنېتنى تاقاپ ۋە خەلقنىڭ تېلېفون ئالاقىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ تۇتۇۋاتىدۇ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقالدى. خەلقئارا جەمئىيەت ئەينى ۋاقىتتا نامايىشقا قاتناشقان 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

شۇنداقلا يەنە ، رابىيە خانىم نۇتقىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم ياشىغۇزمىدى، ئادەتتىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىن خىتاينىڭ قاتتىق زەربە بېرىشىگە ئۇچرىمىغانلىرى يوق؛ خىتاي ھۆكۈمىتى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يەنە، ئۇيغۇرلانى 'تېررورچى' دېگەن نام بىلەن باستۇرۇپ كەلدى، بۇ جەرياندا 15 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قولغا ئالدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان يەنە، يېشى 14 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان توي قىلمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىدىن 300 مىڭنى خىتاي يۇرتلىرىغا يۆتكەپ كېتىپ قۇل قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ مۇشۇ 21 - ئەسردە يولغا قويۇۋاتقان بۇنداق قۇللۇق تۈزۈمىنى تەسەۋۋۇر قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.