رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تور بەتلىرىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ۋەتەن ئىچى - سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى.

تەبرىكنامىسنىڭ بېشىدا، يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقاندا، تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى، مەھبۇس ۋە شېھىدلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى ئەستىن چىقارماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان رابىيە قادىر خانىم، 2008 ‏ - يىل ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:

" 2008 ‏ - يىلى دۇنيا ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا بولسا، خىتاينىڭ ئۈزلۈكسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆچ ئېلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق ۋەھشىلىكلىرى تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، باش ئەگمەس ئەركىنلىك جەڭچىلىرىمىز، مىللىتىمىزنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا ئەڭ جانلىق رەۋىشتە جاكارلىدى."

2008 ‏ - يىل ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيا جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي سەھنىسىدە ئۆتكەن يىللاردىكىگە نىسبەتەن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئورۇن تۇتقانلىقىنى بىلدۈرگەن رابىيە قادىر خانىم، تەبرىكنامىسىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: "قازانغان نەتىجىلىرىمىز كۆزلىگەن نەتىجىلىرىمىزدىن ئۇزاقتا، خەلقىمىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىدىن تېخىمۇ ئۇزاقتا. ئەمما 2008 ‏ - يىلى بىزنىڭ دوستلىرىمىز كۆپەيگەن، دۈشمىنىمىزنىڭ تېررورچى ئەيىبلىمىلىرى ئاقمىغان بىر يىل بولدى."

رابىيە خانىم تەبرىكنامىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە غەلىبە قىلىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىگەندىن كېيىن، 2009 ‏ - يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرى يىلى، دۇنيا ئۈچۈن بولسا تىنچلىق يىلى بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.