يېڭى زېلاندىيە ھېرالد گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، رابىيە خانىمنىڭ مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئەسلىدىكى نۇتۇق پىلانى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇن پروفېسسورى ۋىلليامس ئەپەندى رابىيە خانىمنى قايتا تەكلىپ قىلغان.
قانۇن پروفېسسورى داۋىد ۋىلليامس ئۇنىۋېرسىتېت مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلەشكەن ۋە ئەگەر رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر مەكتەپتە نۇتۇق سۆزلەشتىن توسۇپ قېلىنسا، مەكتەپنىڭ ئىناۋىتىگە قاتتىق دەخلى يېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىپ، ئېلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ "ئاۋكلاند ئۇنىۋېرسىتېتى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە باشقا دېموكراتىك ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىدۇ" دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم 13 - ئۆكتەبىر ئاۋكلاند ئۇنىۋېرسىتېتى ئېنېرگىيە بىناسى ۋە ئاۋكلاند شەھەر مەركىزىدىكى ئاۋانگارت ئاياللار بىناسىدا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
يېڭى زېلاندىيىدىكى بىر قىسىم خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەيدىغان بىنالار ئالدىدا قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە توختالغان رابىيە قادىر خانىم بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.