رابىيە خانىم فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدىكى پائالىيىتىنى باشلىدى

فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن گېرمانىيىدە زىيارىتىدىكى ئۇيغۇر رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، كىتاب يەرمەنكىسىدىكى پائالىيىتىنى شەنبە كۈنى رەسمىي باشلايدۇ. ئۇ يەرمەنكە جەريانىدا يەرمەنكىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورگان ئورۇنلاشتۇرغان بىر قاتار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدىكەن.

خىتاي بۇ قېتىمقى فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە تونۇشتۇرۇلىدىغان نۇقتىلىق دۆلەت بولۇپ، يەرمەنكە جەريانىدىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى خىتاي بىلەن گېرمانىيە بىرگە تەشكىللىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن گېرمانىيە تەرەپنىڭ رابىيە خانىمنى يەرمەنكىگە تەكلىپ قىلىشى خىتاي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. لېكىن گېرمانىيە رابىيە قادىر خانىمنى تەكلىپ قىلىش پىلانىدىن ۋاز كېچىشنى رەت قىلغان ئىدى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل خانىم ئالدىنقى كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ قاتنىشىشىدىكى يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، "سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش"نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. رابىيە خانىم جۈمە كۈنى گېرمانىيە دولقۇنى رادىئوسىنىڭ بونىندىكى مەركىزىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ئۇ يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى "5‏ - ئىيۇل ۋەقەسى" ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا يەنە بىر قېتىم چاقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھسىز تىنچ نامايىشچىلار ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئاخىرىقى ھېسابتا سۆھبەت بىلەن تىنچ ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ رابىيە خانىمنىڭ فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشى بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن گېرمانىيىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى.