رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەزكۇر باياناتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2009-يىلى كامبودژادىن قايتۇرۇپ كەتكەن 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ بىر قىسمىنى مۇددەتسىز ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا ئېلان قىلىنغان ئىدى.
باياناتتا رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ترېسې جېبسېن ئەسكەرتىپ، «بۇ قاماق جازاسى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىكلىگۈچىلىرىنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانچىلىك زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
باياناتتا يەنە، «بۇنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىدىكى كىشىلەر قايتۇرۇلسا كەمسىتىشكە ئۇچرايدىغان ياكى جازالىنىدىغان دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مەنئى قىلىنغان پرىنسىپىغا خىلاپ» ئىكەنلىكى، خىتاي بىلەن كامبودژانىڭ بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رافتو فوندى جەمئىيىتى نورۋېگىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىق قىلىپ، ئۇلاردىن خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ۋە 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلغان.
رافتو فوندى جەمئىيىتى دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى. مەزكۇر تەشكىلات 2004-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرگەن ئىدى.