قازاقىستان دائىرىلىرى ئاۋسترىيىدىن راھەت ئەلىيېۋنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى يەنە تەلەپ قىلدى

قازاقىستان دائىرىلىرى 23-ئىيۇن ئاۋسترىيىدىن مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلىنىۋاتقان راھەت ئەلىيېۋنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى يەنە تەلەپ قىلدى. راھەت ئەلىيېۋ قازاق پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايۇفنىڭ سابىق كۈيئوغلى بولۇپ، ئۇ قازاقىستان سوتى ئارتقان جىنايەتلەردىن قېچىپ، 2007-يىلى ئاۋسترىيىگە كېلىپ پاناھلانغان.

راھەت ئەلىيېۋ ئىلگىرى قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە قازاق مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

راھەت ئەلىيېۋ 2007-يىلى قازاقىستاندىكى 7-چوڭ بانكا-نۇربانكىسىنىڭ ئىككى دىرېكتورىنى ئۆلتۈرۈشكە يىراقتىن قوماندانلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە شۇ يىلى ئاۋسترىيىگە چىقىپ، ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى ئىنكار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاق سوتى 2008-يىلى راھەت ئەلىيېۋقا «تەشكىللىك جىنايەتكە ئارىلىشىش، گۆرۈگە ئېلىش ۋە قانۇنسىز ھوقۇق ئىگىلەش سۇيىقەستىدە بولۇش» جىنايەتلىرىنى ئارتىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئەلىيېۋ ئاۋسترىيىگە قېچىپ چىققاندىن كېيىن، 2007-يىلى بىر قېتىم ۋە بۇ يىل 17-ئىيۇن بىر قېتىم قازاق دائىرىلىرىنىڭ ئەلىيېۋنى قايتۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلىنغان ۋە ئەلىيېۋ قازاقىستانغا بارسا «ئادىل سوتلانمايدىغانلىقىنى» كۆرسىتىلگەن.

قازاق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نۆۋەتلىك قايتۇرۇۋېلىش تەلىپىنىڭ قانداق جاۋابلانغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. خەۋەرلەرگە قارىغاندا راھەت ئەلىيېۋ ھازىر مالتا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىماقتا ئىكەن.