يېقىندىن بۇيان ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەقىب ۋە بېسىمنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت كادىرلىرى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتۇشتىن چەكلىگەنلىكى، ھەتتا بىر قىسىم ئورۇنلاردا خىتاي رەھبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر كادىرلارنى يېمەكلىكلەر بىلەن يوقلىغانلىقى، بەزى ئورۇنلاردا يېمەكلىك تارقىتىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەركىنلىك سارىيى ماقالىسىدە يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارنى نەقىل كەلتۈرۈپ «ئۇيغۇرلارنىڭ روزا مەزگىلىدە تاماق يەۋاتقانلىقى ياكى يېمەيۋاتقانلىقى خىتاي دائىرىلىرىنى شۇنچىلىك قاتتىق ئەندىشىگە سالدىكى، ئۇلارنىڭ ئوي-پىكرى شۇنىڭدا قالدى» دەپ تەسۋىرلىگەن.
ئەركىنلىك سارىيى ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ: «بۇ يەردە ئىلگىرىكى سىياسەتلەردىن ناھايىتى ئېنىق بىر پەرق مەۋجۇت. ماۋ زىدۇڭ مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى ئاچ قالاتتى. لېكىن بۈگۈن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز دۈشمەنلىرىنىڭ ‹قورسىقىنىڭ توقلۇقىغا› كاپالەتلىك قىلىشقا قەتئىي نىيەت باغلىدى» دېگەن.
ئەركىنلىك سارىيى ماقالىسىدە يەنە، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەسلىك بىلەنمۇ ئەيىبلىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزان مەزگىلىدىكى بېسىمى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا.