راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ۋە ئىران مەسىلىسىدىكى قارىشى قاتتىقلاشقان

خەلق رايىنى سىناش نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ۋە ئىران مەسىلىسىدىكى قارىشى قاتتىقلىشىشقا باشلىغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنت نامزاتلىرى كېلەر دۈشەنبە كۈنى 3‏-قېتىملىق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى ھەققىدە خەلق رايىنى سىنىغان.

راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاي بىلەن كۈچلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشقا قارىغاندا، خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇش مۇھىم» دەپ قارايدىغان ئامېرىكىلىقلار كۆپەيگەن بولۇپ، 49% كىشى قاتتىق قول بولۇشنى ياقلىغان. 2011‏-يىلى 3‏-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناشتا 53 % ئامېرىكىلىق، «خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قىلىش پايدىلىق» دەپ قارىغان ئىدى.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئىران ۋە ئەرەب باھارىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئىپادىسىگە يۇقىرىراق باھا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق «خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى رومنېي ياخشىراق ھەل قىلىدۇ» دەپ قارايدىغانلار يۇقىرىراق نىسبەتنى ئىگىللىگەن.

«پېۋ تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەسئۇلى ئاندرېيۇ كوھوت ئەسكەرتىپ: بۇنىڭدىن كىشىلەرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى پىكىر ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن. خەلق سودا سىياسىتىدە خىتايغا بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا قاتتىق قول بولۇش تەرىپىگە ئۆتكەن، دەپ كۆرسەتكەن.

دېموكراتلار نامزاتى ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى مىت رومنېي، ئۆتكەن سەيشەنبە 2‏-قېتىم بەس-مۇنازىرە ئۆتكۈزۈپ، ھەر ئىككىسى خىتايغا قاتتىق قول پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مىت رومنېي پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپ قالسا، خىتاينى «پۇل كۇرسىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەت» دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق راي سىناش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، خەلق خىتاي مەسىلىسىدە رومنىينى قوللىغان بولسىمۇ، بىراق تاشقى سىياسەتتە ئوباما يەنىلا رومنېيدىن ياخشىراق، دەپ قارىغان.