ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى يىغىن داۋامىدا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئىتالىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى بىلەن كۈرىشىدۇ. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىغىمۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ.
خەلقئارالىق تىنچلىقى رادىكال پارتىيىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۇنيادىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەرنىڭ يەنى ب د ت دا ۋەكىلى بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى خەلقئارا سىياسىي سەھنىگە ئېلىپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىدە تۇتۇپ كەلمەكتە. مەزكۇر پارتىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئىتالىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىتالىيە زىيارىتى 5 كۈن داۋام قىلىدۇ ۋە خانىم يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىغا قايتىدۇ.