تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەردوغان 7 - ئاپرېلدىن 11 - ئاپرېلغا قەدەر خىتايغا قىلىدىغان 4 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدىن باشلايدىكەن.

ئەگەر ئۇنىڭ زىيارىتى ئەمەلىيلەشسە، بۇ تۈركىيە باش مىنىستىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. بۇ يەنە، بۇنىڭدىن ئاز كەم 3 يىل بۇرۇن خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن تەنقىد قىلغان تۈرك ھۆكۈمەت رەھبىرىنىڭ مەزكۇر رايوننى زىيارەت قىلىشى بولۇپ قالىدۇ.

رەجەپ تايىپ ئەردوغان، خىتاينىڭ 2009 - يىلى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دە ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ مەسىلىسىنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى، 20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنى ۋە دۇنيا ئىسلام ئەللىرى كېڭىشى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

بىراق ئەردوغاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىشنىڭ ئەكسىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلغان. ھەتتا ئىككى دۆلەت ئۈرۈمچىدە سانائەت رايونى قۇرۇش، تۈركىيە سودا مەركىزى ئېچىش قاتارلىق كېلىشىملەرنى ئىمزالىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر ئەردوغاننىڭ زىيارىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن باشلىنىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارى لۇ جياڭ تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىپ، خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى ۋە دۇنيا بانكىسىدا تېخىمۇ زور سۆز ھەققىگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ «ئەگەر بىز بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلساق، تېخىمۇ زور تەسىر كۈچكە ئىگە بولىمىز. خىتاي - تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى بۇ ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم» دېگەن. بىراق د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەردوغاننىڭ نوقۇل سودا - ئىقتىسادى مەسىلە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.