ئۇ، بۇ سۆزلەرنى جۈمە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا قاراشلىق«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» گە بەرگەن باياناتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ: ھۆكۈمەت خەلقنى خىزمەت ۋە ئۆگىنىشنى ياخشى قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئوزۇقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، دېگەن. بىراق خۇ خەنمىن، ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلەرنى روزىدا تاماق يېيىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى رەت قىلغان.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى بەزى شەھەر، ناھىيە ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان روزا تۇتۇشنى چەكلەش ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردە پارتىيىلىكلەر، خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، دەم ئېلىشقا چىققان كادىرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى مەنئى قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر تەدبىرىگە قارىتا ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئامېرىكىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر پىكىر بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى دەھرىيلەشتۈرۈش يولىدىكى بۇ خىل خاتا ئۇرۇنۇشنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
كالىفورنىيە پومونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى پروفېسسورى درۇ گلادنېي بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئېلان قىلىپ: بۇ«پارتىيە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئۆرپ-ئادىتىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ» دەيدىغان ھېسسىيات پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ پارتىيىگە بولغان تېخىمۇ قاتتىق ئۆچمەنلىكىنى قوزغايدۇ، دېگەن.
ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى بولسا، خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا دىنىي چەكلىمىنى كۈچەيتىشى شەرقىي تۈركىستاندا ئىلگىرىلەپ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
مەزكۇر تەشكىلات پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇنىڭ ئىچكى قانۇنى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن باياناتچى خۇ خەنمىن، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاپ: دىنىي ئەسەبىيلىك زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا دىنىي ئەسەبىيلىكنى باستۇرۇش بىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىگەن.