روزا ھېيتتىكى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نارازىلىق قوزغىدى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ خەلقئارا تور بېكىتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى ئەتىگەن ھېيت نامىزى ۋاقتىدا، كۇچا ناھىيىسىدىكى مەكتەپلەردە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

كۇچادىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 19-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئۇلارنىڭ مەكتىپىدە بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە يىغىلىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان، ئاندىن ئوقۇغۇچىلار سىنىپلارغا يىغىلىپ تاكى روزا ھېيتلىق ناماز تۈگىگىچە سىياسىي ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدىكى مەلۇم مەسچىتتە بۇ يىل روزا ھېيتلىق ناماز ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن ھېيتلىق ناماز ئوقۇلغان.

ئۇيغۇربىز تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار «يەرلىك ئەمەلدارلار يېڭى-يېڭى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقىپ پۇقرالارنى قىينىماقتا. ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزىلا مىللىي زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىدۇ!»دېگەندەك سۆزلەر ئارقىلىق ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان تۈرلۈك چەكلىمىلىرى خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندا دائىرىلەرنىڭ رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىرى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيادە بېسىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوندا تېخىمۇ زور قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.