ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى روزا ھېيتلىق قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلدى

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان ئۆكتەبىر بايرىمى جەرياندىكى بىخەتەرلىك ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى روزا ھېيتلىق ئالاقىدار قوشۇمچە بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغان.

شىنجاڭ گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇقتۇرۇشتا، ھېيت جەريانىدا بىخەتەر ئىشلەپ چىقىرىشنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ۋە بارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە يەنە، ھېيت - بايرام جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋە قوغداش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىش، مەسىلە كۆرۈنسە دەرھال يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

رامىزان مەزگىلىدە خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ھەرخىل چەكلەش بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇ بەلگىلىمىلەردە، رامىزان مەزگىلىدە "خەتمە"، "تەرەۋى" قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە قارىتىلغان چەكلەشنى كۈچەيتىش، ساقال قويغانلار ساقىلىنى چۈشۈرۈش ھەمدە رومال سالغانلارنىڭ رومىلىنى ئالدۇرۇۋېتىش قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن ئىدى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك روزى ھېيت مەزگىلىدە يەنە قايسى شەكىلدىكى ئەمەلىي چەكلەش تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمىغان.