خەۋەرلەردىكى تەسۋىرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 نەپەر رۇسىيە ساياھەتچىسى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، نىيە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تەستىقىنى ئالمايلا تاغ ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى شوركۆل قاتارلىق جايلاردا ئايلىنىپ يۈرگەن. گەرچە خىتاي ساقچىلىرى 3 قېتىم ئىز قوغلاپ تېپىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى تاپالمىغان.
بۇ 7 نەپەر رۇسىيە ساياھەتچىسى 13 - ئۆكتەبىر كۈنى، سۈنئى ھەمرا تېلېفونى بىلەن ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى بېيجىڭ، شاڭخەي ئارقىلىق نىيە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىغا خەۋەر قىلىپ، قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، 4 ساقچى قاراسايغا بېرىپ ئۇلارنى 'تاپقان'.