رۇسىيە پرېزىدېنت نامزىتى پروخوروف : مەن پرېزىدېنت بولسام ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن چېگرىنى تاقايمەن.

رۇسىيىنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ، جىددىي سايلام پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىجارەتچى مىخائىل پروخوروۋ رۇسىيىنىڭ يېكاتىرىنابۇرگ شەھىرىدە ئۆز قوللىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولسا نېمە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغاندا، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت بولسا، بىرىنچى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى چېگرىلارنى تاقاپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغانلىقى، رۇسىيىگە كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ چوقۇم رۇس تىلى ۋە رۇس مەدەنىيىتىنى بىلىشىنى شەرت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۇ يەنە «كۆچمەنلەر بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا بىز ياخشى كۆرمەيدىغان ئەشۇ قوي بوغۇزلاش قىلمىشلىرىنى قىلماسلىقى لازىم دەپ» ئەسكەرتكەن.

پروخوروفنىڭ بۇ سۆزى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان بولۇپ نۆۋەتتە رۇسىيىدە ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار، خىتايلار، ۋېتناملىقلار ۋە باشقا رۇس ئەمەس مىللەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان، ئۇلارنى كەمسىتىدىغان مىللەتچىلىكنىڭمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى يېزىلماقتا.