فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ئالېكساندىر زېلىن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: " بىز يېڭىدىن ياساۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋا ھۇجۇملىرىدىنلا ئەمەس, بەلكى ئالەم بوشلۇقى سىستېمىلىرىدىنمۇ مۇداپىئە كۆرەلەيدۇ" دېگەن. ئۇ يەنە، بۇ خىل تەھدىتنىڭ مەۋھۇم ئەمەس، بەلكى رېئال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا يىللاردىن بېرى، ئالەم بوشلۇقىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلان قىلماقتا ئىدى. رۇسىيە ۋە خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىر يېڭى كېلىشىم تەييارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاقساراينىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان.