رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېيف ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە يېڭى سېگنال بەردى
ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما رۇسىيىگە زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ زىيارىتى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. چۈنكى ئامېرىكا - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن ئىزچىل ھالدا يىرىك بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى باشتىن باشلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدا كۆرۈنەرلىك بىر نەتىجە چىقمىغان ئىدى. شۇڭا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ قېتىملىق رۇسىيە زىيارىتىدىن تەرەپلەر زور ئۈمىد كۈتمەكتە.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گەرچە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ ، ئەمما بۇنىڭدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر كۆپ بولۇپ ، بۇنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ياۋرۇپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى قۇرۇش پىلانى تۇرىدۇ. چۈنكى رۇسىيە ئىزچىل ھالدا ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنى ئۆزلىرىگە بىر تەھدىت دەپ قاراپ كەلگەن.
ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئۆزلىرىنى بۇ جەھەتتە خاتىرجەم قىلغاندىلا، رۇسىيىنىڭمۇ ئىسىتراتېگىيىلىك ھۇجۇم خاراكتېرلىك يادرو قوراللارنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.