رۇسىيە ھىندىستان ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ياساپ بەرگەن ئاۋىئاماتكا سىناق قىلىنماقتا
رۇسىيە ھىندىستان ئۈچۈن ئۆزگەرتىپ ياساپ بەرگەن ھىندىستاننىڭ ئاۋىئاماتكىسى «ۋىكرامادىتسىيا» 8 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئوكيانغا كىرىپ، سىناق قىلىنماقتا. رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ ئەسلى نامى «ئادمىرال گورشكوۋ» بولۇپ، بۇ ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي دېڭىز قىسىملىرىنىڭ ئاۋىئاماتكىسى ئىدى. ھىندىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ زامانىۋى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھىندىستان ھازىر ھىندى ئوكيان رايونىدىكى ئاۋىئاماتكىغا ئىگە قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە مەملىكەتكە ئايلىنىپ، ئۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئاشقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
30 نەچچە ھەر خىل تىپتىكى ئايروپىلانلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان مەزكۇر ئاۋىئاماتكىنىڭ سىنىقى 124 كۈن داۋاملىشىدىكەن، ئەگەر سىناق غەلىبىلىك بولسا، رۇسىيە ئۇنى رەسمىي تۈردە 12 - ئايدا ھىندىستانغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
ھىندىستان 2017 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈچ دانە ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولۇشنى پىلان قىلىپ، جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.