رۇسىيە تەرەپ خىتاينىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دەريا چېگرا لىنىيىلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە نارازى بولماقتا
2011.05.08
بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئاۋازىمۇ تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە،رۇسىيە تەرەپ مۇزلار ئېرىشكە باشلىغاندىن كېيىن خىتاينىڭ پاتقاق قېزىش ماشىنىلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ رۇسىيىگە يېقىن چېگرا پاسىللىرىدا قېزىش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دەريا يولىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى سەزگەن.
ئەمەلىيەتتە، خىتاي تەرەپ ئۇسسۇرى دەرياسىنى قېزىشنى رۇسىيە تەرەپنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئەھۋالدا ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇسسۇرى دەرياسىنىڭ خىتاي تەرەپتىكى قىرغىقى تېخىمۇ كېڭىيىپ، دەريا يۈزىنىڭ خىتايغا تەۋە قىسمى تېخىمۇ چوڭىيىدىكەن.
بۇنداق قىلىش ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە تەرەپ خىتايدىن بۇ قىلمىشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بىراق، يەنە بىر قىسىم رۇسىيىلىكلەر رۇسىيىنىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقى، ئەمەلىيەتتە دەريا ساھىلىنى قېزىشنىڭ چېگرا پاسىلىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خاباروۋسكى شەھىرى يېنىغا جايلاشقان ئۇسسۇرى ۋە ئامۇر دەرياسىغا تۇتىشىدىغان جايلاردىكى چېگرا پاسىلىدىكى ئىككى ئارال سابىق پرېزىدېنت پۇتىن تەرىپىدىن خىتايغا بېرىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ چېگراسىنىڭ خاباروۋسكى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يېقىن ۋەزىيەت شەكىللەنگەندىن كېيىن يىراق شەرق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئارىسىدا پۇتىنغا قارشى نارازىلىقلار كۈچىيىپ كەتكەن ئىدى.
1969-يىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى جېنباۋداۋ يەنى، دامانسك ئارىلى ئۇرۇشى ئەنە شۇ ئۇسسۇرى دەرياسى رايونىدا يۈز بەرگەن ئىدى.