رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى شىمالدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىن ئىبارەتتۇر.
بىراق، بۇ ئارىدا رۇسىيە شىمالدىكى تۆت ئارالنى ئېچىشقا خىتاي قاتارلىق ئەللەرنى مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان. بۇ ئەھۋال ياپونىيىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، تۆت ئارالنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ياپونىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيىنىڭ بۇ ئاراللارنى ئېچىشقا خىتاينىمۇ دەۋەت قىلىشىغا قارشى چىققان شۇنىڭدەك يەنە رۇسىيىنىڭ ئارالدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ نارازى بولغان.
رۇسىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە تۆت ئارال ئەتراپىدىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا كىرىشكەن بولۇپ، فرانسىيىدىن سېتىۋالغان ئىككى دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئۇچۇپ -چۈشەلەيدىغان ئاۋىئاماتكىنى بۇ ئەتراپتىكى دېڭىزغا ئورۇنلاشتۇرغان.
رۇسىيە يەنە ئاراللاردا چوڭ توشۇش ئايروپىلانلىرى قونالايدىغان ئايرودروم قۇرۇشقا كىرىشكەندىن سىرت يەنە مەزكۇر ئاراللاردا تېخىمۇ كۆپ تىك ئۇچارلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىغا قۇلايلىق ئايرودروم ياساش ھەمدە ۋە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورنىتىشنى پىلانلىغان.
رۇسىيە ئانالىزچىلىرى بۇ خىل ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تىغ ئۇچىنىڭ ياپونىيىگە ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خىتايغا قارىتىلغانلىقى، ياپونىيە بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا خىتاينىڭ شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىق شەكىللەنگەنلىكىنى يېزىشماقتا.