رۇسىيە ھازىر تارتۇس پورتىغا ئۇرۇشچى پاراخوتتىن ئىككىنى ئەۋەتتى

«فرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە ھازىر سۈرىيىگە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدىغان تارتۇس پورتىغا ئۇرۇشچى پاراخوتتىن ئىككىنى ماڭدۇردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-06-18
Share

شۇنىڭ بىلەن، ھازىر مېكسىكىنىڭ لوس كابوس شەھىرىدە ئېچىلىۋاتقان سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كۆرۈشىدىغان پىلاننى تۇمان باستى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سۈرىيىدە ھازىر قارىمۇ-قارشى ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويماي ئېتىشىۋاتىدۇ، ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندىكى خەلقنى بىخەتەر جايغا چېكىندۈرۈپ چىقىش تەشەببۇسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ.

رۇسىيە ھازىر سۈرىيىگە ماڭغۇزغان ئىككى ئۇرۇشچى پاراخوتنىڭ بىرى قۇرۇقلۇققا چىقىپ جەڭ قىلىدىغان 150 ئەسكەرنى ئېلىپ ماڭالايدىغان پاراخوت. يەنە بىرى 1 مىڭ 500 توننا يۈك قاچىلاپ ماڭىدىغان ھەربىي يۈك پاراخوتى.

ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، سۈرىيە ھازىر رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەربىي بازىسى تۇرۇۋاتقان دۆلەت.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت