سۈرىيە قىسىملىرى بۈگۈن خاما شەھىرىدە 95 ئادەمنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈردى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد نىڭ قىسىملىرى بۈگۈن، خاما شەھىرىگە تانكا بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، خەلقنى پىلىموت بىلەن ئوققا تۇتتى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.07.31

سۈرىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئاممار قورابىنىڭ فىرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، سۈرىيە قىسىملىرى بۈگۈن خاما شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا، خەلقنى ئوققا تۇتتى، 95 ئادەمنى ئۆلتۈردى. خەلق توپلىشىپ ئاساد قىسىملىرىغا قارشىلىق كۆرسەتتى. بۈگۈنكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن ئۆلگەن ئادەم سانى 120 دىن ئاشىدۇ. يارىلانغان ئادەم سانى كۆپ، ھازىر تىزىملىنىۋاتىدۇ.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىق 1982 ‏- يىلى باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن خەلقنى، ھازىرقى پرېزىدېنتنىڭ دادىسى ھاپىز ئەل ئاساد ئوققا تۇتۇپ، 700 مىڭ نوپۇسى بار بىر شەھەردە، بىر كۈندىلا 30 مىڭ ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.