رۇسىيە سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزمەكچى بولغان 2009 - يىللىق ئاۋىئاتسىيە ھەربىي تېخنىكىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا 16 - ئاۋغۇست كۈنى مەزكۇر كۆرگەزمىدە ئۆز ئىلغارلىقىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەشق قىلىۋاتقان ئىككى دانە سۇ - 27 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان موسكۋا شەھىرىگە يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا بىر - بىرى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، پارتلاپ كەتكەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىر نەپەر ئۇچقۇچى ئۆلگەن.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە باياناتچىسىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئىككى ئايروپىلاندىكى ئۈچ ئۇچقۇچىنىڭ ئىككىسى پاراشوت بىلەن سەكرەشكە ئۈلگۈرۈپ ساق قالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر نەپەر ئۇچقۇچى ئۆلۈپ كەتكەن.
ئايروپىلان يەردىكى بىر قىسىم ئۆيلەرگە ئۇرۇلۇپ، بەش ئادەم يارىلانغان. رۇسىيە تەرەپ بۇ ھادىسىنى ئايروپىلانلارنىڭ تېخنىكا تۆۋەنلىكى ئەمەس بەلكى ئۇچقۇچىنىڭ مەشغۇلاتىدىكى خاتالىق بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرگەن.
رۇسىيىنىڭ دۆلەت كىرىمىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنىڭ ئىلغار ھەربىي قوراللىرىنى سېتىش ئارقىلىق كىرىدىغانلىقى مەلۇم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا بىراز پەسىيىپ قالغانلىقى ئۈچۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئەڭ ئىلغار قوراللارنى نامايىش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدار جەلپ قىلىش ۋە سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان ئىكەن.