رۇسىيىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان پورتى ئېچىلدى

دۈشەنبە كۈنى، رۇسىيە باش مىنىستىرى پۈتۈن ئاسىيا ئەللىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىم پورتلاردىن بىرىنىڭ ئىش باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت 2 مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىپ ياسالغان كوزمىنو خام نېفىت قاچىلاش پورتى رۇسىيىنىڭ ئائىسيا بازارلىرىغا نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ھالقىلىق پورتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدىكەن.

شۇ كۈنى، پۈتىن تۇنجى بولۇپ خىتاينىڭ خوڭكوڭغا شەھىرىگە خام نېفىت توشۇيدىغان نېفىت پاراخوتىغا ماي قاچىلاش ئۈچۈن، كومپيۇتېر كۇنۇپكىسىنى باسقان. ئۇ مەزكۇر نېفىت قاچىلاش پورتى ھەققىدە توختىلىپ: "بۇ رۇسىيە ئۈچۈن بەك مۇھىم. بۇ بىزنىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان بازىرىغا كىرىشىمىزنى ئىمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىستراتېگىيىلىك قۇرۇلۇش" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، كوزمىنو نېفىت قاچىلاش پورتى، رۇسىيىنىڭ شەرقىي سىبىرىيە نېفىتلىكىدىن باشلانغان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىكەن. مەزكۇر نېفىت لىنىيىسىنىڭ 2750 كىلومېتىرلىق بۆلىكى سىبىرىيىدىن باشلىنىپ رۇسىيىنىڭ خىتاي چېگرىسىغا يېقىن رايونى سكوۋورودىنوغا ئۆتكەن ئايدا تۇتاشتۇرۇلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ كوزمىنوغا تۇتاشتۇرۇلىدىغان 1300 كىلومېتىرلىق بۆلىكى ھازىر ياسىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2012 - يىلى تاماملىنىدىكەن.