رۇسىيە نوپۇسى ئازلىماقتا

رۇسىيە دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ، ئەمما نوپۇسى بىر قەدەر ئاز دۆلەت بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئازلاۋاتقانلىقى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە نوپۇسشۇناسلىرى يېقىنقى 40 يىل ئىچىدە، يەنى 2050-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيە نوپۇسى 25 مىليون ئازلاپ، 140 مىليوندىن 116 مىليونغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە رۇس مىللىتىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، رۇسلار بارغانسېرى ئازلاشقا قاراپ يۈزلەنگەن.

رۇسىيە نوپۇسىنىڭ تېز ئازلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە ئىزدەنگەن مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭدا ئىقتىسادىي ئامىلدىن باشقا يەنە باشقا بىر قاتار ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، موسكۋادىكى نوپۇس تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېرگېي زاخاروۋنىڭ قارىشىچە، ئۆلۈم-يېتىم ئەھۋالىمۇ بۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب.

زاخاروۋ ئەپەندى، «قاتناش ھادىسىسى، يارىلىنىش، زەھەرلىنىش، قاتىللىق، سۇيىقەستتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بەك كۆپ، زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش خۇددى ئۇرۇش بولۇۋاتقان كولومبىيە ئوخشاش، ئاددىي خەلقلەر مانا شۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن.

رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن رۇسىيىدىكى نوپۇس ئازلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يېقىندا 50 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، ئۇنى كۆپ بالىلىق بولۇش، بالىلار-ئانىلار سالامەتلىكى قاتارلىق پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىشنى بېكىتكەن ھەمدە كۆپ بالا تۇغقان ئاياللارنى خۇددى سوۋېت دەۋرىدىكىگە ئوخشاش قەھرىمان ئانا دەپ تەقدىرلەشنى قارار قىلغان. ئىلگىرى پۇتىن يەنە سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى 25 مىليون رۇسىيىلىكنى رۇسىيىگە قايتىپ كېلىپ ياشاشقا چاقىرىپ، مەبلەغ ئاجراتقان ئىدى.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكى، ئۇ يەردىكى كۆپلىگەن ئاھالىلەرنىڭ ياۋروپا قىسمىغا كۆچۈشى بىلەن خىتايغا يېقىن جايلاردا نوپۇس ئازلاش كۆرۈلۈۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئىدى.