كولللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدىكى دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەشنى مۇزاكىرە قىلدى

رۇسىيە باشچىلىقىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قۇرۇلغان كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر جۈمە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ چولپان ئاتا ساياھەت ئورنىدا غەيرى رەسمىي باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شەرتنامىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قوشۇنى قۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

كوللىكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسىدىكى كۆپچىلىك دۆلەتلەر مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 14 ‏ - ئىيۇندىكى يىغىنىدا بىرلەشمە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قوشۇنى قۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. لېكىن ئۆزبېكىستان بىلەن بلۇرۇسىيە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ئىدى.

ك ب ش تەشكىلاتىنىڭ چولپان ئاتادا چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى غەيرى رەسمىي باشلىقلار يىغىنىغا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف بىلەن بلۇرۇسىيە پرېزىدېنتى لۇكاشىنكو قاتناشقان. بۇ كۆزەتكۈچىلەردە ئۆزبېكىستان بىلەن بلۇرۇسىيە كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشى مۇمكىن، دىگەن قىياسلارنى پەيدا قىلدى.

چولپان ئاتادىكى يىغىنغا يەنە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مىدۋىدېف، قازاقىستان پرېزىدېدېنتى نازاربايېف قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيېف، تاجىكىستان پرېزىېدېنتى راخمانوف قاتارلىقلار قاتناشقان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا يەنە بىر ھەربىي بازا قۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلىشتۇر.

رۇسىيە "كوممېرسانت"گېزىتى" يىغىندا پرېزىدېنت مىدۋىدېفنىڭ ك ب ش دىكى دۆلەتلەر بىلەن بازا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر قىرغىزىستان رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالىسا بۇ رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندا قۇرغان 2 ‏ - ھەربىي بازىسى بولۇپ قالىدۇ.