رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ماسلوۋ : يېقىنقى يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا 8 مىليون خىتاي پەيدا بولىدۇ

رۇسىيە مۇتەخەسسىس ئالېكسېي ماسلوۋ يېقىنقى يىللار ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيادا 8 مىليون خىتاي ياشايدۇ دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا تورىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئالىي ئىقتىساد تەتقىقات ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، پروفېسسور ئالېكسېي ماسلوۋ باشقۇرۇشتىكى تەۋەككۈللۈك مەسىلىلىرىگە ئائىت 8 - قېتىملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىندا مەخسۇس خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە كۆپىيىشى مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا مەزكۇر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پروفېسسور ماسلوۋ ھازىر خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىدە ئۇيغۇر ئېلىنى مىسسال ئالغان.

ئۇنىڭ قاراشلىرى مۇنداق يىغىنچاقلاش مۇمكىن: خىتاينىڭ غەربىي شىمالىي سىياسى پىلانى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، يېقىنقى يىللاردا بۇ يەردىكى خىتايلارنىڭ سانى ناھايىتى تېز كۆپەيدى، ھازىر بۇ يەردە 30 مىليون نوپۇس بار، پات ئارىدا بۇ نوپۇس 100 مىليون ئادەمگە يېتىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئاقىۋىتى نوپۇسنىڭ چەتئەلگە ئېقىش بولىدۇ. شۇڭا پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى يېقىنقى يىللار ئىچىدە مەركىزىي ئاسىيادا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كېلىدىغان 8 مىليون خىتاي پەيدا بولىدۇ.

مەزكۇر رۇسىيە مۇتەخەسسىسىنىڭ بۇ پەرىزى ھەققىدە ئوتتۇرا ئاسىيا تورىدا ھەر خىل ئىنكاسلار پەيدا بولغان. بۇنىڭسىزمۇ خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرى ھەققىدە ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك سەلبىي ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.