رۇسىيە، ئۆزبېكىستاندىكى 'سوۋېت ئارمىيىسى خاتىرە مۇنارى' نىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا نارازى بولدى

رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدە، 'ۋەتەن قوغدىغۇچىلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى' دەپ قارىلىدىغان 1‏ - ئاينىڭ 13 ‏- كۈنىدە، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدىكى 'سوۋېت ئارمىيىسى خاتىرە مۇنارى' ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، رۇسىيە دائىرىلىرى، ئېستونىيە، گروزىيىلەردە 'سوۋېت ئارمىيىسى خاتىرە مۇنارى' ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن يەنە بىر ئېغىر ھادىسە، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆزبېكىستاندا 1973‏ - يىلى بىنا قىلىنغان 'سوۋېت ئارمىيىسى خاتىرە مۇنارى،' ئەمەلىيەتتە 2009‏ - يىلى 11‏ - ئايدىلا ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 'ئۆزبېكىستان ۋەتەن قوغدىغۇچىلىرى خاتىرە مۇنارى' ياسىلىشقا باشلىغان ئىدى. ئەمما ئەينى ۋاقىتتا 'رېمونت قىلىنىۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغاچقا، بۇ رۇسىيىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىمىغان ئىدى.