ۋىلادىمىر پۇتىن 2012-يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

روسىيىنىڭ نۆۋەتتىكى باش مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن شەنبە كۈنى، 2012-يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پۇتىن نۆۋەتتە رۇسىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە: يەدىنايا روسسىيا يەنى بىرلەشكەن رۇسىيە پارتىيىسىگە تەۋە بولۇپ، ئۇنىڭ كاندىداتلىق ئىلتىماسىنى بىرلەشكەن رۇسىيە پارتىيىسى شەنبە كۈنى رەسمىي تەستىقلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن رۇسىيە پارتىيىسى ئەگەر پۇتىن سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا نۆۋەتتىكى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ رۇسىيە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغانلىقىنىمۇ تەستىقلىغان.

پۇتىن 2000-يىلىدىن، 2008-يىلىغىچە روسىيىدە پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە 2008-يىلى مېدۋېدېۋ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلەنگەن ئىدى.

ئەينى چاغدا كۆزەتكۈچىلەر، بۇنى رۇسىيە سىياسىي سەھنىسىدە ئوينالغان «دراما» دەپ قارىغان ۋە ۋىلادىمىر پۇتىنىڭ 4 يىلدىن كېيىن يەنە روسىيىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى كۆزلىگەنلىكى پەرەز قىلىشقان ئىدى.