بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، نامايىش تەشكىللىگۈچىلەر نامايىشقا 120 مىڭ ئادەم كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. دمېتري مېدۋېدېۋ پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككى قارا پرېزىدېنت بولغان ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ نۆۋەت ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى قىياس قىلىنماقتا.
ھالبۇكى، پۇتىننىڭ ئۆزىنى يەنە پرېزىدېنت نامزاتى قىلىپ كۆرسەتكەنلىكى نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەرنى نارازى قىلغان. شەنبە كۈندىكى نامايىشچىلار قوللىغان «پۇتىندىن خالى رۇسىيە»، «ئەركىن سايلام» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ نامايىش قىلغان.
بىر نامايىشچى مەزكۇر نامايىشنىڭ رۇسىيەنىڭ تەدرىجىي دېموكراتىيىگە ئۆتىشىگە يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رۇسىيەدە 4 - دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن، نۇرغۇن رۇسىيەلىكلەر موسكۋاغا يىغىلىپ سايلام نەتىجىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە سايلامدا ساختىلىق كۆرۈنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىن تەۋە سىياسىي پارتىيە غەلىبە قىلىپ رۇسىيە دۇماسىدىكى كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى.