ئۇلار «مەن پۇتىنسىز رۇسىيىنى قوللايمەن» دېگەن نارازىلىق لوزۇنكىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان.
«نېۋسرۇ» ئۇچۇر تورىنىڭ يېزىشىچە، شەنبە كۈنى رۇسىيە بىرلىكى پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى جەريانىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترى مېدۋېدېۋ ھازىرقى باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ 2012-يىلى پرېزىدېنتلىق ئورنىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بولسا ھۆكۈمەتنى ئىدارە قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئورۇن ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈردى ئىدى.
مېدۋېدېۋ بۇ ھەقتە پۇتىن بىلەن بۇرۇنلا پۈتۈشۈپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «بۇ مەسىلە ھەققىدە بىزنىڭ يولداشلارچە ئىتتىپاقىمىز شەكىللەنگەن چاغدىلا مۇھاكىمە قىلىشقان ئىدۇق» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىن ئۆزىنىڭ رەسمىي پرېزىدېنتلىق نامزاتىنى 12-ئايدىكى دۆلەت دۇماسىنىڭ سايلىمىدىن كېيىن ئېلان قىلىدىكەن.
مېدۋېدېۋ يەنە «مەن قۇرۇلتاينىڭ پارتىيە رەھبىرى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ دۆلەتنىڭ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە سايلىنىش نامزاتلىقىنى قوللىشىنى توغرا دەپ ھېسابلايمەن» دېيىش ئارقىلىق ئۆز مەۋقەسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى تەكىتلىگەن.
رۇسىيە بىرلىك پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا مەيدانغا چىققان مەزكۇر قاراردىن كېيىن بىر قىسىم يۇقىرى قاتلام رۇسىيە سىياسىيونلىرى ئىنكاس قايتۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پۇتىن بىلەن مېدۋېدېۋنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرۇشى ئەمەلگە ئاشسا، ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
رۇسىيە مالىيە مىنىستىرى ئالېكسېي كۇدرىن ئۆزىنىڭ مېدۋېدېۋ باش مىنىستىر بولۇپ ئىشلىگەن ۋەزىيەتتە خىزمىتىدىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بىرىنچى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىگور شىۋالوۋ بولسا، ئۆزىنىڭ ۋلادىمىر پۇتىننىڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەركىبىدە داۋاملىق تۇرۇپ، خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. نۆۋەتتە، رۇسىيىلىكلەر مېدۋېدېۋ-پۇتىن ئورۇن ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى قىزغىن مۇھاكىمە قىلماقتا.