ئەمما ئۇ نامايىشقا چىققان ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئەركىن ھالدا ئىپادىلىگەنلىكىدىن خۇشال بولغانلىقىنى، كىشىلەر قانۇننىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىگەن ئاساستا نامايىش قىلسا، بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇ: «تېلېۋىزورلاردا ياشلارنىڭ قارشى پىكىرلىرىنى ئوچۇق -ئاشكارا بايان قىلغانلىقىنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم. مېنىڭ ھاكىمىيەتتىكى مەزگىلىمدە كىشىلەر مۇشۇنداق ئەركىن بولغان بولسا، مەن بۇنىڭدىن خۇشال. ئەمما ئۇلار قانۇنغا بويسۇنۇشى كېرەك» دېگەن.
ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيىدىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن نامايىشچىلار سايلامدا پۇتىننىڭ ساختىپەزلىك ئىشلەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ نامايىش قىلغان. موسكۋادا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا 50 مىڭ ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن، پۇتىن بۇ نامايىشلارنى ئامېرىكا قوزغىدى، دەپ مەسئۇلىيەتنى ئامېرىكىغا ئىتتىرگەن ئىدى.
پۇتىن سۆزىدە يەنە، سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى رەت قىلىپ، كېلەر يىلى 3-ئايدىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا ھەر بىر ساندۇق بېشىغا كامېرا ئورنىتىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئىشەنمىگەنلەرنىڭ ئەھۋالنى نەق مەيداندا كۆرسە بولىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما سايلام ئەھۋالىنى كۆزەتكەن بەزى مۇستەقىل تەشكىلاتلار سايلامدا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى دوكلات قىلدى.