رۇسىيە سوتى بىر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان قارار گۇرۇھ ئۇستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى
رۇسىيىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بىر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان خەلقئارالىق بىر قارا گۇرۇھ ئۆستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان. قارا گۇرۇھ ئەزالىرى رۇسىيە، مولدىۋىيە ۋە خىتاي ۋەتەنداشلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇلتۇر 4 - ئايدا جياڭ خوڭۋۇ ئىسىملىك بىر خىتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ خىتايدىكى ئائىلىسىدىن پۇل تەلەپ قىلغان. ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمى بويىچە، گورۈگە ئېلىنغۇچىنىڭ ئائىلىسى 15مىڭ دوللار پۇلنى قارا گۇرۇھقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيىگە كەلگەن. دەل پۇل تاپشۇرىدىغان پەيتتە، رۇسىيە ساقچىلىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ قارا گۇرۇھ ئەازاسىنى قولغا ئالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
سوت قارا گۇرۇھنىڭ ئىككى نەپەر خىتاي ئەزاسىغا 12 ۋە 13 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. قارا گۇرۇھنىڭ رۇس ۋە مولدىۋىيىلىك ئەزالىرىغا 6 ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن. دېلونىڭ جەريانىدىن قارىغاندا، ۋەقەگە رۇسىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىندىن ئارىلاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ھازىرغا قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش ۋەقەسى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچ بىرىگە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئارىلاشمىغان ئىدى.