موسكۋادا قازاق ۋە رۇسلارنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى بولدى

شەنبە كۈنى رۇسىيە پايتەختى موسكۋادا بىر قىسىم قازاقىستانلىق ۋە رۇسىيىلىك ئىشچىلار بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قازاقىستاندا پائالىيەت قىلىۋاتقان خىتاي نېفىت شىركەتلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.


بۇ نامايىشنى كوممۇنىستلار، ئىشچىلار تەشكىلاتلىرى ھەم ئۆكتىچىلەر ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا رۇسلار ۋە قازاقلار قاتناشقان. ئۇلار خىتاينىڭ ھازىر قازاقىستان جامائىتى ئارىسىدىكى ئابرويىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە چۈشىۋاتقانلىقىنى، ئون نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان جانائۆزەن ۋەقەسىنىڭ خىتاي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، نامايىشنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ بىرى، ئۆكتىچىلەردىن قۇرمانوف، نۆۋەتتە خىتاينىڭ قازاقىستان نېفىت ساھەسىنى كونترول قىلغانلىقى، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە قازاقىستان ئىشچىلىرى ھەم تېخنىك خادىملىرىغا ئوخشىمىغان مۇئامىلە قوللىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ قازاقىستانلىقلارغىمۇ خىتايلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

نامايىشنى تەشكىللىگەن قازاق كوممۇنىست رەھبەرلىرىدىن بىرى خىتاينىڭ ھازىر قازاقىستان ئىشچىلىرىغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىلمىشلىرى ھەم باشقا ئەھۋاللارغا ئاساسەن خىتاينى كوممۇنىست دۆلىتى دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.