خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىلىرى ئۈچۈن ھەر يىلى 4 - 5 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەۋاتقان بولۇپ، قىرغىزىستان تەرەپ باھانى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما كېيىن، رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستاننى ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ۋە قوراللار بىلەن قوراللاندۇرۇش ھەمدە بۇنى بازىنىڭ تۆلىمى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشقا كېلىشىلگەن.
رۇسىيە تەرەپ قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە بازىسىنىڭ مۆھلىتىنى 49 يىل قىلىپ بېكىتىشنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ھازىر قىرغىزىستاندا تۆت رۇسىيە ھەربىي ئورنى مەۋجۇت، بۇلارنىڭ بىرى قەنت رايوندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدۇر.