ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەزكۇر كېلىشىم 11 - ئايدا رەسمىي ئىمزالىنىدىكەن.
كېلىشىمگە بىنائەن رۇسىيە ئارمىيىسى قىرغىزىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ ھەمدە خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىنى كۈچەيتىش ھەمدە تولۇقلىما بازا ئېچىش بەلگىلىگەن بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەلۇم بىر ئورۇندا "ھەربىي قوشۇنلارنى چېنىقتۇرۇش مەركىزى" نامى ئاستىدا رۇسىيىنىڭ ئىككىنچى ھەربىي بازىسى ئېچىلىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
نۆۋەتتە، بىشكەكنىڭ يېنىدىكى قەنت رايونىدا رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى مەۋجۇت، گەرچە قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېيىن قايتا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ، بازا داۋاملىق ساقلاپ قېلىندى.
رۇسىيە ئىككىنچى ھەربىي بازا ئاچىدىغان پەرغانە ۋادىسى ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىنى باغلايدىغان بەلۋاغدۇر.