رۇسىيىدىن چىقىدىغان سودا گېزىتىنىڭ شەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋوستوك ئالاھىدە ھەرىكەت باتاليونىنىڭ سابىق كوماندىرى ماگومەد تائىسۇموۋنىڭ جەسىتى جۈمە كۈنى ئۇنىڭ ئانا يۇرتى بېنوي ئەتراپىدىن تېپىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ماگومەد تائىسۇموۋ 1999-يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق چېچىنىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا ئەسكەرلىرى بىلەن رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ۋە چېچىنلارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئىكەن.
ئۇ 2008- يىلىغىچە رۇسىيە ئارمىيىسىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغان.
ۋوستوك باتاليونىنىڭ يەنە بىر سابىق كوماندىرى سۇلىم يامادايېۋ 2009-يىلى دۇبەيدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.
خەۋەرلەردە ماگومەد تائىسۇموۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۆچ ئېلىشىنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلگەن.