رۇسىيە ب د ت نىڭ سۈرىيە ھەققىدىكى قارارىغا قارشى ئاۋاز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە 2‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنى، ب د ت نىڭ سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئاسادنى تەختتىن چۈشۈرۈش ھەققىدىكى قارارىنى، دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەربىي كۈچ بىلەن ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش دېگەن نام بىلەن رەت قىلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.02.01

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى ۋىلادېمىر چىژوف، ب د ت نىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەرەب بىرلىكى بىرلىشىپ تۈزگەن لايىھىنى قوبۇل قىلىشقا پۇرسىتى يوق، مەسىلىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان بۇنداق چارە رەت قىلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان. خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى لى باۋدوڭمۇ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، خىتاي سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دەپ جاكارلىغان.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 1‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى ئوچۇق يىغىن ئاچقان. يىغىنىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە تونۇشتۇرۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خېلارى كىلىنتون بۇ لايىھىنى قوللىغان.

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامات، ئەرەب بىرلىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نابىل ئەرەبىيلەر ھازىرقى سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلغان. يىغىندا خىتاي بىلەن رۇسىيىلا بۇ پىكىرلەرگە قارشى تۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.