خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى ۋەكىلى ۋىلادېمىر چىژوف، ب د ت نىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئەرەب بىرلىكى بىرلىشىپ تۈزگەن لايىھىنى قوبۇل قىلىشقا پۇرسىتى يوق، مەسىلىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلماقچى بولغان بۇنداق چارە رەت قىلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان. خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى لى باۋدوڭمۇ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدا، خىتاي سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوچۇق يىغىن ئاچقان. يىغىنىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا، ماراكەش قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان لايىھە تونۇشتۇرۇلغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خېلارى كىلىنتون بۇ لايىھىنى قوللىغان.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامات، ئەرەب بىرلىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى نابىل ئەرەبىيلەر ھازىرقى سۈرىيە ۋەزىيىتى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلغان. يىغىندا خىتاي بىلەن رۇسىيىلا بۇ پىكىرلەرگە قارشى تۇرغان.