رۇسىيە ھەربىي بازىسى تاجىكىستاندا يەنە 30 يىل تۇرىدۇ

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تاجىكىستان زىيارىتى جەريانىدا 5 - ئۆكتەبىر كۈنى ئىككى دۆلەت رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندىكى ھەربىي بازىسىنىڭ مۆھلىتىنى يەنە 30 يىلغا ئۇزارتىش ھەققىدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى. رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياردەمچىسى يۇرىي ئۇشاكوۋ «ھەربىي بازا ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بۇ قېتىمقى زىيارەت جەريانىدىكى ئاساسلىق ھۆججەت ھەم ئەڭ مۇھىم نۇقتا» دەپ كۆرسەتكەن.


رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلى راخمان ئاخىرىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ 201 - موتورلاشقان دىۋىزىيىسى يەنە 30 يىل تاجىكىستان چېگرىلىرىنى قوغدايدىكەن. ئەسلىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە 2014 - يىلى قوشۇن چېكىندۈرۈشى كېرەك ئىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋلادىمىر پۇتىن قىرغىز پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتانبايېۋ بىلەن رۇسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەربىي بازىسىنى 30 يىل ئۇزارتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ كېلىشىملار ئارقىلىق رۇسىيە ھەربىي قوشۇنلىرى تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستاندا يەنە 30 يىل قالىدىكەن.

تاجىكىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي كېلىشىمىگە تاجىكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى شېرالى خايرۇللايېۋ بىلەن رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئانوتولىي سېردىيۇكوۋ ئىمزا قويغان. كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئارمىيىسى تاجىكىستاندا 2042 - يىلىغىچە تۇرىدۇ.