يېڭى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئارمىيىسى تاجىكىستاندا يەنە 30 يىل تۇرالايدىكەن

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 5 - ئۆكتەبىر تاجىكىستاندا زىيارەتتە بولغان رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن تاجىكىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسى توختامنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. ئىككى تەرەپ بىر نەچچە ئايدىن بۇيان بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەرگە خاتىمە بېرىپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان.


مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدىكى كېلىشىم 2014 - يىلى تۈگەيدىغان بولۇپ، پۈتۈن ھاسىل قىلغان بۇ قېتىمقى كېلىشىم بويىچە رۇسىيە ئارمىيىسى تاجىكىستاندا يەنە 30 يىل بىمالال تۇرالايدىكەن.

نۆۋەتتە رۇسىيىنىڭ تاجىكىستاندا 3 ھەربىي بازىسى ۋە 7 مىڭ ئەسكىرى بار.