رۇسىيە تۈركمەنىستاندىن رۇسىيىگە گاز يەتكۈزۈش توختامىنى يېڭىلىماقچى
فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرنى ئۆزىنى يوشۇرۇن تۇتقان بىر تۈركمەنىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئەمما ئۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىشنى خالىمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كرېملىن باياناتچىسىمۇ دەلىللىگەن.
ئۆتكەن يىلى ياۋروپانىڭ رۇسىيە گازلىرىغا بولغان ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەندىن كېيىن، رۇسىيە دائىرىلىرى تۈركمەنىستاندىن ئىمپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى تۇيۇقسىز تۆۋەنلەتكەن ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نەتىجىدە بۇ تۈركمەنىستانغا بىر مىليارد دوللار زىيان ئېلىپ كەلگەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، رۇسىيىنىڭ گازپروم شىركىتى تۈركمەنىستاندىن 2010 - يىلىدىن 2012 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا 11 مىليارد كۇب مېتىرغىچە تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.