رۇسىيىنىڭ مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، مېدۋېدېفنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئېنېرگىيە بولۇپ، مېدۋېدېۋ رۇسىيىنىڭ تۈركمەنىستانغا قاراتقان ئېنېرگىيە سىياسىتىنى ساقلاپ قېلىش ھەم كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان.
چۈنكى رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئارىسىدا تۈركمەنىستان رۇسىيىگە ھەر يىلى 70 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش كېلىشىمى تۈزۈلگەن. بىراق ھازىر رۇسىيە يىلىغا ئارانلا 10 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سېتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، تۈركمەنىستان خىتاي بىلەن ھەر يىلى 30 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاي ۋە ئىراننى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە. بۇ ئەھۋال رۇسىيىنىڭ پىلانلىرىغا دەخلى يەتكۈزگەن.
رۇسىيە ھازىر خىتاي بىلەن نېفىت تۇرۇبىسى ئارقىلىق نېفىت سودىسى قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، 2015 - يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە خىتاينى تەبىئي گاز بىلەن تەمىنلىمەكچى. ئېنېرگىيە مەسىلىلىرى ئانالىزچىلىرى نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلىشماقتا.