پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىۋاتقان پەيتتە تاشكەنتنىڭ رۇسىيە ھامىيلىقى ئاستىدىكى ھەربىي - سىياسىي تەشكىلاتتىن چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن تاشكەنت بۇ قەدەمنى باستى؟ دېگەن سوئاللار تۇغۇلغان. يېقىندا كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرېتارى نىكولاي بوردۇژا بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئاشكارىلىدى.
پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ رۇسىيە مەنبەلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نىكولاي بوردۇژا «ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك سىستېمىسى مەسىلىسى ھەققىدىكى قاتتىق تالاش - تارتىشلار سەۋەبىدىن مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى توختاتتى» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئىزاھات بېرىشىچە، ئۆزبېكىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرلارغا قارشى چىققان.
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى تاشكەنتنىڭ رۇسىيىدىن يىراقلىشىپ، غەرب بىلەن يېقىنلىشىۋاتقانلىقى، ئەكسىچە، موسكۋانىڭ تاشكەنتكە بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.