رۇسىيە بىلەن ۋيېتنام جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەبىئىي گازلىقنى بىرلىكتە ئېچىشقا پۈتۈشتى

رۇسىيە بىلەن ۋيېتنام يېقىندا تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزۈپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا ئىككى تەبىئىي گازلىقنى ئېچىشقا پۈتۈشكەن. بۇ ھەمكارلىقتا رۇسىيە 49% ئاكسىيىگە ئىگە بولغان.

گازپروم شىركىتىنىڭ باشلىقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ۋيېتنام بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىلىكلەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەبىئىي گاز قېزىلىۋاتقان رايون ھازىر تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى جەنۇبىي دېڭىز رايونىغا يېقىن بولۇپ، ۋېتنامنىڭ بۇ رايونغا رۇسىيىنى باشلاپ كىرىشى دىققەتنى قوزغىماقتا. بۇ ھەم رۇسيىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ئىشلىرىغا ئارىلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىكەن. ۋيېتنام 1960 - 80 - يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقچىسى سۈپىتىدە خىتاي بىلەن قارشىلاشقان ھەمدە 1979 - يىلىدىكى ۋيېتنام - خىتاي ئۇرۇشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋېتنامنى قوللىغان ئىدى.