ۋيېتنام بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن 20 دانە سۇ-30مك2 تىپلىق ھاۋادىن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھۇجۇمچى ئايروپىلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمى بويىچە دەسلەپكى 4 دانە ئايروپىلان ۋيېتنامغا يېتىپ كەلگەن.
رۇسىيە تەرەپ يەنە ۋيېتنامنى يەنە ئايروپىلان زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن ۋە مەخسۇس تەربىيىلىگۈچىلەرنى ئەۋەتىدىكەن. ۋيېتنام بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاقىم ئاراللار ھوقۇقىغا ئائىت زىددىيەت كۈچىيىۋاتقان پەيتتە رۇسىيىنىڭ ۋيېتنامغا ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشى «خۇددى ماي ئۈستىگە ماي چاچقاندەك ئىش بولدى» دەپ تەنقىد قىلىنماقتا. بىراق، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىدىكى رەسمىي بىر بىلدۈرۈشتى تېخى ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق.
ۋيېتنام سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىتتىپاقچىسى بولۇپ، 1979-يىلى ۋيېتنام-خىتاي ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋيېتنام تەرەپتە تۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ۋيېتنام رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئىدى.
يەكشەنبە يەنە بىر قىسىم ۋيېتناملىقلار خانويدا خىتايغا قارشى 4-قېتىملىق نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.